0102030405
بۇ يىل 11-تەيفېڭ بورىنى «ياڭ ليۇ» (ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى)
2025-08-08
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ يىل 11-تەيفېڭ بورىنى «ياڭ ليۇ» (ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى) بۈگۈن ئەتىگەن (8-كۈنى) غەربىي تىنچ ئوكياندا شەكىللەنگەن. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 5 دە ، ئۇنىڭ مەركىزى تەيۋەن ئۆلكىسى خۇالىن شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 2550 كىلومىتىر يىراقلىقتا ، شىمالنىڭ كەڭلىكى 19.5 گرادۇس ، شەرقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 145.9 گرادۇس. بۇ مەركەزگە يېقىن شامالنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 8 دەرىجە (سېكۇنت 18 مېتىر) ، ئەڭ تۆۋەن ھاۋا بېسىمى 1000 گېكتوپال. 7 دەرىجىلىك شامال رايونىنىڭ رادىئوسى 120 دىن 220 كىلومېتىرغىچە.
مۆلچەرلىنىشىچە ، «ياڭ لىيۇ» سائىتىگە 15 كىلومىتىردىن 20 كىلومىتىر تېزلىك بىلەن غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ ، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تەدرىجىي كۈچىيىپ ، تەيۋەننىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىگە تەدرىجىي يېقىنلىشىدىكەن.










